send link to app

MollaTapkak


4.0 ( 2960 ratings )
Стиль життя
Розробник: Dilmurat Abduqayyum
безкоштовно

چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە تىجارەت، ساياھەت ۋە باشقا تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىمۇ ئاشماقتا. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بىز ئۇچۇر دەۋىرىدە ياشاۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلغار ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن جەھەتلەردىن قولايلىقلارنى يارىتىش مۇمكىن. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ياكى چەتئەللەرگە تىجارەت – ساياھەت مەقسىدى بىلەن چىققان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش مەقسىدىدە ئىستانبۇلدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىلىگيار تېخنىكا مۇلازىمەت شىركىتى «موللا تاپقاق» نامىدا يانفوندا خىزمەت قىلىدىغان ئۇچۇر ئىزدەش پروگراممىسىنى بازارغا سالدۇق. مەزكۇر پروگرامما چەتئەللەردىكى، جۈملىدىن، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ساياھەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە مۇھاجىرلارنى كۆزدە تۇتۇپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچى ئۆز ئۇچۇرلىرىنى يانفوندىن بىۋاستە خەت ۋە رەسىملىك قىلىپ يوللىيالايدۇ، ئۇچۇر يوللاش ھەقسىز بولۇپ ھەقلىق ئېلان بىرىش مۇلازىمىتى بار. تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتتىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ ئۇچۇر يوللىشىنى قارشى ئالىمىز.

تېلېفون: 05318534388
ئىستانبۇل بىلىگيار تېخنىكا مۇلازىمەت شىركىتى
www.biligyar.biz